يېقىنقى يىللاردا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىر قىسىم مەملىكەتلەر بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى چەتئەلگە ئېلىپ قېچىپ كەتكەن ۋە پارىخورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغان بىر قىسىم خادىملار، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ كېلىشكە كىرىشكەن.
خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2014 - يىلىدىن بۇيان 70 دۆلەتكە قېچىپ كەتكەن خىتاي خادىملىرىدىن 2210 ئادەمنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 363 ئادەمنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى ئىكەنلىكى شۇنىڭدەك 8 مىليارد سوم خەلق پۇلىنىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە خىتاي مەنبەلىرى ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەرەپ قايتۇرۇپ كەلگەن بۇ ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى پارىخورلۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن ۋە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ، چەتئەلگە قېچىپ كەتكەنلەر ئىكەن. مەسىلەن، خەلقئارا ساقچى ئورگىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئاساسلىقى چىرىكلىككە مۇناسىۋەتلىك 100 ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئىچىدە 35 جىنايىتىنى تاپشۇرغان ئىكەن.
مەلۇمكى، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن بۇيان پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىككە زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەن ئىدى. نەتىجىدە، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە بىر قىسىم ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى شەخسلەرمۇ چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن جازالاندى. مەتبۇئات ئىنكاسلىرىدا دائىم چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنىڭ زور مىقداردىكى ئىقتىسادنى چەتئەلگە يۆتكەپ كەتكەنلىكىمۇ قەيت قىلىنىپ كېلىنمەكتە.