ستېۋېن موشېر: «‹خىتاي چۈشى› دۇنيا تەرتىپى ئۈچۈن يېڭى تەھدىت!»

يېقىندا ئامېرىكىلىق خىتايشۇناس ستېۋېن موشېرنىڭ يېڭى ئەسىرى «ئاسىيانىڭ بوزەك بولۇشى: ‹خىتاي چۈشى› دۇنيا تەرتىپى ئۈچۈن يېڭى تەھدىت» نەشردىن چىقتى. ئاپتور ئەسىرىدە كۆپلىگەن جانلىق پاكىتلار ئارقىلىق غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

موشېرنىڭ ئەسىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى دۇنيا قارىشى ۋە ھاكىمىيەت قارىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان خىتايدا داۋام قىلىپ كەلگەن پادىشاھلىق چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلىۋاتقانلىقى تەپسىلىي شەرھلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە دۇنياغا خوجا بولۇش ئارزۇسىدا «خىتاي چۈشى» نى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت مۇشۇ مەقسەتتە ئۆز پۇقرالىرىغا ئامېرىكىغا قارشى ئىدىيەلەرنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا؛ غەرب دۇنياسى بولسا تېخىچە «خىتاي بىلەن كۆپرەك ئۇچراشساق خىتاي دېموكراتىيەگە قاراپ ماڭىدۇ» دېگەندەك بالىلارچە شېرىن خىيالغا مەپتۇن بولۇپ يۈرمەكتە.

ئاپتور بۇنى تەنقىدلەپ، «بۇ بەكمۇ خەتەرلىك ھال. بۇ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ قويۇۋاتىدۇ» دېگەن.

ئاپتور 18-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كىتاب تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، مۇستەبىتلىك ئىدىيەسى ئۈستىگە قۇرۇلغان خىتاي دۆلىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «خىتاي چۈشى» قارىشىنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق دېگەنلەرنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە دۇنيا تەرتىپىنى ساقلاۋاتقان ئامېرىكىغا توختىماستىن خىرىس قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدەك «خىتاي ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى» دەپ كۆرسەتكەن.

ئاپتور بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى دۇنيا تەرتىپىدە «يېڭى دۇنيا ھۆكۈمرانى» بولۇشقا ئالدىراۋاتقان خىتاينىڭ ئۆتمۈش تارىخى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىش لازىملىقىنى، شۇندىلا خىتاينىڭ ئەزەلدىن باشقا مەملىكەتلەرنى بويسۇندۇرۇش، ئۆزىگە قوشۇۋېلىش، ئۆز خەلقىنى باستۇرۇش ھەمدە باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن توقۇنۇشۇشتىن باشقا ئىش قىلمىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا بۇ خاھىشنىڭ ھازىرقى دۇنيا تەرتىپى ئۈچۈن قانداق سەلبىي ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ستېۋىن موشېر 1979-يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدە جەمئىيەت تەكشۈرۈشى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى «خەلقئارالىق جاسۇس» دەپ جاكارلىغان ئىكەن.