خىتاي باش مىنىستىرى تۇنجى قېتىم كۇبانى زىيارەت قىلدى

خىتاي بىلەن كۇبا دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 56 يىلدىن بۇيان خىتاي باش مىنىستىرى بىرىنچى قېتىم كۇبانى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كۆپ ساندا كېلىشىم ئىمزالاندى.


خىتاي بىلەن كۇبا دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 56 يىلدىن بۇيان خىتاي باش مىنىستىرى بىرىنچى قېتىم كۇبانى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كۆپ ساندا كېلىشىم ئىمزالاندى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ يەكشەنبە كۈنى ھاۋاناغا يېتىپ كېلىپ، كۇبا پرېزىدېنتى رائۇل كاسترو بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 30 خىل كېلىشىم ئىمزالانغان.

خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ كۇبانى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مۇنداق زور كۆلەمدە كېلىشىم ئىمزالىنىشى ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن كۇبانىڭ دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلىرى ئەسلىگە كېلىپ، ئامېرىكا كۇباغا قاراتقان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئىمبارگولارنى بىكار قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى. بۇ يىل 3 - ئايدا پرېزىدېنت ئوباما كۇبانى زىيارەت قىلىش بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى يېڭى تەرەققىيات دەۋرىگە كىردى.

تېخى ئۆتكەن ھەپتە ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې كۇبانى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان ياپونىيە باش مىنستىرىغا ئايلانغان ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقلار ئىلگىرى سۈرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى.

مەلۇمكى، خىتاي كۇباغا ئەڭ چوڭ قەرز بەرگۈچى دۆلەت بولۇپ، ئۇ يەنە كۇبانىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكدۇر.

لى كېچياڭ ھاۋانادا ئۆزىنىڭ بۇ زىيارتىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭىدىن جانلاندۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇمكى، كۇبا 1950 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئەڭ مۇھىم تايانچ بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە ئۇزۇن يىللار يېتىم قالغان كۇبا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسى ئېلىپ بېرىشقا تايىنىپ قالغان ئىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org