خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇمنى قامال قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ يەنىمۇ چىڭىلىتىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
28-سېنتەبىر كۈنى، شىنجاڭ سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى 1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر يىغىن ئېچىپ، دۆلەت بايرىمى مەزگىللىك دەم ئېلىشتا يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىز قوغلاش، يادرو كىسلاتالىق تەكشۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنىڭ داۋاملىق كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىدىغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىدىغان كىشىلەرنى باشقۇرۇش چىڭىتىلىدىكەن. يۇقۇم ئەھۋالى ئوتتۇرا ۋە خەتەرلىك دەپ بېكىتىلگەن رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ 7 كۈن ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن؛ تۆۋەن خەتەرلىك رايونلاردا تۇرغان كىشىلەر 72 سائەت ئىچىدە 3 قېتىم مەنپىي يادرو كىسلاتاسى سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئايرىلالايدىكەن.
خەۋەردە يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن: «شىنجاڭدىن ئايرىلىدىغان ھەر خىل كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقى ئۆلكىلەرگە ئالدىن ئۇقتۇرۇلىدۇ. شىنجاڭدىن ئايرىلىدىغان كىشىلەر مەنزىلگە، بارىدىغان جايغا ئالدىن دوكلات قىلىشى ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سەپەرنىڭ ھەر بىر يېرىدە يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مىقياسىدا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا ئائىت ئېلان قىلىۋاتقان سانى ئادەتتە كۈنىگە 10 نەپەردىن ئاشمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا چېكىدىن ئاشقان قامال تەدبىرلىرى، نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتىكەن.
