خىتاي دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ جازانىخورغا ئايلانغان

«گېرمانىيە ئاۋازى» تورىنىڭ 7-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ 2000-يىلدىن 2021-يىلغىچە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بەرگەن قەرزى 1 تىرىللىيون 340 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇ قەرزنىڭ كۆپ قىسمى «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىغا كىرگەن دۆلەتلەرگە بېرىلگەن. بۇ قەرزنىڭ قانچىلىك ئۆسۈم بىلەن بېرىلىدىغانلىقىمۇ بىر سىر بولۇپ، خىتاي بۇ غايەت زور سوممىلىق قەرز تارقىتىش بىلەن، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قەرز بەرگۈچى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ ئۆسۈم يېگۈچى جازانىخورغا ئايلانغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بۇنداق جازانىخورلۇقى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا غەلىتە ھەم قورقۇنچلۇق بىر ئوبراز تىكلىگەن ۋە باشقا دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر خىتايدىن قەرز ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى ئەمەس، قەرزنىڭ ئۆزىنىمۇ قايتۇرالمايۋاتقان بولۇپ، بۇ قەرز سوممىسى ئاز دېگەندە 1 تىرىللىيون 100 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

ئۆتكەن ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان «3-قېتىملىق بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنى» دا شى جىنپىڭ بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن يەنە 100 مىليارد دوللار ئاجرىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانىدى. شى جىنپىڭنىڭ بۇ قىلمىشى چەت ئەلدىكى خىتاي تاراتقۇلىرىدا «شى جىنپىڭنىڭ پۇل بۇزۇشى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ بۇ «قەرز تۇزىقى» نى تەنقىدلىگەن، سىرىلانكا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ بۇ «ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش تۈرى» نىڭ ئۆزلىرىنى ئېغىر قەرزگە بوغۇپ قويغانلىقىدىن شىكايەت قىلىشقا باشلىغانىدى.