خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن غەرب دۇنياسىدا خىتايغا جازا ئېلان قىلىش ھەرىكىتى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى. شۇ قاتاردا ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرقىسىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلىشىغا ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئاۋاز قوشقان ھەمدە تۆت نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا جازا ئېلان قىلغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا قارشى «ھۇجۇم» قوزغاپ بىر قىسىم غەرب مۇئەسسەسىسىگە، شۇ قاتاردا گېرمانىيەدىكى ئەڭ داڭلىق خىتاي تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان «مېركاتور ئاقىللار مەركىزى» گە جازا ئېلان قىلغان. 2021-يىلى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ياۋروپانى زىيارەت قىلغاندا مەزكۇر ئاقىللار مەركىزىگە ئېلان قىلىنغان جازانى بىكار قىلىش ھەققىدە سۆھبەتلەشمەكچى بولغان. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان جازانىڭ ئىناۋەتلىك سۈرۈكىنى 2022-يىلى 8-دېكابىرغا ئۇزارتقانلىقتىن، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى «مۇرەسسە» ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلانغان.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 3-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سابىق خىتاي باش ئەلچىسى ۋۇ خوڭبۇ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى 2021-يىلى نويابىردا «مېركاتور ئاقىللار مەركىزى» نىڭ خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېلان قىلغان جازانىڭ سۈرۈكى 2022-يىلى مارتتا توشىدىغان بولغاچقا ئۇلار مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پات يېقىندا «مېركاتور ئاقىللار مەركىزى» گە ئېلان قىلىنغان جازانى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە «پۇرىتىپ ئۆتكەن». ئەمما ئويلىمىغان يەردىن دەل مۇشۇ سۆھبەت داۋام قىلىۋاتقاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزلىرى خىتايغا قارشى ئېلان قىلغان جازانىڭ سۈرۈكىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇ قېتىملىق سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغان كىشىلەردىن بىرى ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا سۆز قىلىپ «خىتايلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىش بېجىرىش مېخانىزمىنى پەقەتلا چۈشەنمەيدىكەن. ئۇلار مۇشۇ قېتىملىق سۆھبەت ئارقىلىق جازا تەدبىرلىرىگە قارىتا بىر ئىشلارنى قىلالايمىز، دەپ چوتنى خاتا سوققان. ئەمەلىيەتتە ئۇلار بەكمۇ كېچىكىپ قالغان» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە يېڭى نۆۋەتلىك گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا چارىلىرىنى بىكار قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا خىتايغا قارشى كەيپىيات ئومۇمەن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلىنىپ تۇرماقتىكەن. شى جىنپىڭ بىلەن گېرمانىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى ئولاف شۇلىز مەخسۇس تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ئۇزۇن بايانات ئېلان قىلغان. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى بولسا بىرنەچچە قۇر سۆز بىلەنلا كۇپايىلەنگەن. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى فىلىپ لېكور بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي ھازىر ئاقىللار مەركىزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى قايتىدىن غەرب دۇنياسىدا نامايىش قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما ياۋروپادىكى نۇرغۇن كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقىللار مەركىزىگە جازا ئېلان قىلىشىنى بەكمۇ ھەددىدىن ئاشقانلىق، دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مۇرەسسەگە ئانچە چوڭ بازار بولماسلىقى مۇمكىن» دېگەن.
