ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك خىتاينىڭ مەركىزى «شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك ئىشخانىسى» نىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى خۇ لىيەنخې بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىنگوغىمۇ ئىمبەرگو يۈرگۈزگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىككى شەخسنى، بولۇپمۇ خۇ ليەنخېنى جازالاشنىڭ سىمۋۇللۇق ئەھمىيىتى زور ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، خۇ لىيەنخېنىڭ ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن تۇنجى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىلەن سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىرغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ «شاڭتاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى» نىمۇ جازالىغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خۇ ليەنخې خىتاينىڭ بۇرۇنقى مىللىي سىايسىتىنى ئۆزگەرتىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسيە قىلىشنى نىشان قىلغان «2-ئەۋلاد ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى» نىڭ شەكىللىنىشىدە ھالقىلىق رول ئوينىغانىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدرۇشىچە، ئۇ ئىلگىرى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى «خىتاي دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، بۇ تەتقىقات مەركىزىدىكى خۇ شىڭدۇ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما روڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنىڭ لايىھەسىنى تۈزگەن.
ئۇلارنىڭ پىلانى شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاينىڭ رەسمىي سىياسىتىگە ئايلىنىپ، 2017-يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. ئىلگىرى خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ «شىنجاڭ ئىشلىرى» مەسئۇل 9-ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىڭ «شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك ئىشخانىسى» نىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن خۇ لىيەنخې، 2018-يىلى ب د ت دا سۆز قىلىپ، «شىنجاڭدا قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغانىدى.
