ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شيې خۇي دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلمەكتىكەن

خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شيې خۇيغا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قارارىنى چىقارغان.

خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شيې خۇيغا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قارارىنى چىقارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى مۇئاۋىن نازىر شيې خۇينى «پارىخورلۇق ۋە ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.

شيې خۇي ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشلىقى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. كېيىنچە ئەمەلىي ئۆسۈپ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، نازارەتنىڭ مۇئاۋىن نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە ئولتۇرغان.

چەتئەللەردىكى خىتاي كۆزەتكۈچىلىرى شيې خۇينىڭ جياڭ زېمىن ۋە جوۋ يوڭكاڭ گۇرۇھىغا مەنسۇپ ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر «سىياسىي جىنايەتچىلەر» بىلەن فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن شەخس ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

شيې خۇينىڭ خېلى ئىلگىرىلا چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى قۇرغان «فالۇنگوڭچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى تەكشۈرۈش خەلقئارا تەشكىلاتى» نىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى مەلۇم.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org