خىتايدا بۇلتۇر 50 مىڭغا يېقىن ھۆكۈمەت كادىرى جازالانغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.01.12

خىتاي تاراتقۇلىرىدا 2015- يىلى «ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان» لىقى ئۈچۈن جازالانغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ 50 مىڭغا يەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە 10 نەپەر ئۆلكە ۋە مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر بارلىقى خەۋەر قىلىندى.

«جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدىن نەقىل ئېلىپ بەرگەن خەۋىرىدە: «مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خىتايدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى، مەركىزى ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قارايدىغان 66 دۆلەت ئورگىنى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى 111 شىركەت، مەركىزى ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قارايدىغان 15 بانكا-پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا ئايلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، 2015-يىل 1-ئايدىن 2015- يىل 12-ئاينىڭ 31- كۈنىگە قەدەر ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن 50 مىڭغا يېقىن كىشى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى» دەپ كۆرسەتكەن.

جەدۋەللىك ستاتىستىكا مەلۇماتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2015-يىلى بىر يىل ئىچىدە يۇقىرىسى ئۆلكە ۋە مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن، تۆۋىنى ناھىيە-يېزا كادىرلىرىغىچە جەمئىي 49 مىڭ 508 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان.

2013- يىلى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىغان « پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى نۆۋەتتە خەلقئارا تاراتقۇ ۋە خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققەت ئوبيېكتىغا ئايلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.