خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ۋېي خۇڭ «پارتىيىگە سادىق بولمىغان» دېگەن سەۋەب بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋېي خۇڭ ھەققىدە ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان قارارىدا ئۇنىڭ «پارىخورلۇق، چىرىكلىك» قىلغانلىقى ھەققىدە بىر نېمە دېمىگەن. ئۇنىڭدا پەقەت ۋېي خۇڭنىڭ «پارتىيىگە سادىق بولماي ساختىلىق قىلغانلىقى ھەم شۇنداقلا ئۆزىگە بېرىلگەن بىر قانچە قېتىملىق ئۆزگىرىش پۇرسىتىنى رەت قىلىپ، خاتالىقىنى تۈزەتمىگەنلىكى» سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى يېزىلغان.
ئەمما ئۇقتۇرۇشتا ۋېي خۇڭنىڭ زادى نېمە قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر پاكىت كۆرسىتىلمىگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، خالىغان كىشىنى ھەتتا ئۆزى بىلەن شەخسى زىددىيىتى بار كىشىلەرنىمۇ سەۋەب كۆرسەتمەي تۇرۇپ جازالىيالايدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا ئىكەن.
خوڭكوڭدىكى ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورى ۋىللىي لەم بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە بۇنى «پارتىيە ئەزالىرىغا بېرىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش» دېگەن ۋە شۇنداقلا بۇنىڭ بىر دىققەت قوزغايدىغان جىددىي ئەھۋاللىقىنى بىلدۈرگەن.
