خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ كېلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.02.11

خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىدىكى يۇقىرىقى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكەپ كېلىنگەن.

خىتاي سىنا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، چاڭچۈن شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا يۆتكەشنى قارار قىلغان.

ئۇنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەخمىنەن 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ، بۇنىڭدا مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ۋە ئۇلارغا ھەمكارلاشقان خىتاي كارخانىلىرىنى جازالاش تەلىپى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە بۇ رايونغا يۆتكەپ كېلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ لاگېرلاردا تۇتقۇنلارنى دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئانا تىلىدىن ۋاز كېچىشكە، ئۇنى تەنقىدلەشكە زورلاۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بار ئىكەن.

بۇ يىل 55 ياشلىق ۋاڭ جۈنجېڭ ئەسلى شەندۇڭلۇق خىتاي بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى يۈننەن، خۇبېي قاتارلىق ئۆلكىلەردە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ 2016‏-يىلدىن بېرى جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، چاڭچۈن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋاڭنىڭ يۆتكەپ كېلىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىدە ھەرقانداق بىرەر ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قىياس قىلىش مۈشكۈل ئىكەن.

چەتئەلدىكى «بوشۈن» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋاڭ جۈنجېڭ 2014‏-يىلى خۇبېيدىكى شيەنياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئەرزدارلارنىڭ كىملىك كارتىنى تارتىۋېلىپ ئۇلارغا زەربە بېرىش، نازارەت قىلىش، ئەرزدارلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەش بىلەن ئەيىبلەنگەن. شۇڭا، 2014‏-يىلى 8‏-ئايدا شيەنياڭلىق 16 نەپەر ئەرزدار بېيجىڭغا بېرىپ، ۋاڭ جۈنجېڭنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.

ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كونكرېت قانداق ۋەزىپە ئاتقۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى يۈز بەرگەن ھازىرقىدەك نازۇك مەزگىلدە بۇ رايونغا يۆتكەپ كېلىنىشىدىكى سەۋەبلەر مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.