خىتاينىڭ «ئىقتىساد خەۋەرلىرى» قانىلى 15-فېۋرال كۈنى چىقارغان بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. ھالبۇكى، چېن مىڭگو ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىدە رول ئوينىغانلىقى سەۋەبلىك 2021-يىل ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن جازا چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان 4 خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بىرى ئىدى.
بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن چېن مىڭگو سىچۈەنلىك بولۇپ، 1988-يىل بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سىچۈەن، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكىلەردە ۋەزىپە ئۆتىگەن. بۇنىڭدىن 3 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭ مىڭشەننىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان.
2021-يىلى 3-ئايدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ خەيلۈن، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگوغىمۇ جازا چەكلىمىسى قويغان بولۇپ، 2022-يىل 12-بۇ جازانى داۋاملىق ئۇزارتىشنى قارار قىلغانىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان چىڭ مىڭگونى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم ۋەزىپىگە تەيىنلىشى ئۇيغۇر رايونىدا ھۆكۈمەت-ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ داۋاملىق ماسلىشىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زوراۋانلىق، باستۇرۇش ۋە زۇلۇمنى كۈچەيتىدىغانلىق ئەندىشىسىنى پەيدا قىلماقتا.
