مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسى» 9-ماي دۈشەنبە كۈنى، 300 مىڭدىن ئارتۇق شىركەتكە چېتىشلىق پاناما ھۆججەتلىرىنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرىنى ئاۋامغا ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە تورداشلارنىڭ «خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسى»نىڭ تور بېكىتىدىن، يەنى (https://offshoreleaks.icij.org)din مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنىڭ دۆلىتى، كىملىكى، شىركەتنىڭ ئىسمى، ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
9-ماي كۈنى خوڭكوڭدىكى ئالما گېزىتى مەزكۇر ھۆججەتلەر ھەققىدىكى تەپسىلىي خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، پاناما ھۆججەتلىرىدە 33 مىڭ خىتاي پۇقراسىنىڭ چەتئەللەردە قۇرغان 4188 شىركىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە لى پىڭنىڭ قىزى لى شياۋلىن، شى جىنپىڭنىڭ قېيىنئاكىسى دېڭ جياگۇي، خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن خىتاي مالىيە مىنىستىرى لۇ جىۋېي، خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرى مياۋ ۋېي، خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جېڭۋېي قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاھاڭداش ئىسىملارنىڭ بارلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، پاناما ھۆججەتلىرىدە 200 نەچچە دۆلەتتىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق شىركەتكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ئاشكارىلانغان. «خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسى» 9-ماي ئاشكارىلىغان ماتېرىياللار 360 مىڭدىن ئارتۇق شىركەت ۋە شەخسكە چېتىلىدىكەن.
