بىر خىتاي ئاسپىرانتنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەردىكى بىر كەنتكە سېكرېتار بولغانلىقى خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلىنماقتا

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بىر خىتاي يېقىندا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە قومۇشئېرىق يېزىسىنىڭ يارقىشلاق كەنتىگە سېكرېتارلىققا تەيىنلەنگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن نيۇ شىننىڭ يارقىشلاق كەنتىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى تەرىپىدىن قىزغىن ھىمايە قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نيۇ شىن 2012-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپىدە ماگىستىرلىق ئاسپىرانتلىقىنى تاماملىغاندىن كېيىن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، قومۇشئېرىق يېزىلىق پارتكوم نيۇ شىننىڭ ئىلتىماس يېزىپ تەلەپ قىلىشى بىلەن ئۇنى يارقىشلاق كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا سېكرېتار قىلىپ تەيىنلىگەن ئىكەن.

خەۋەردە يەنە كەنت سېكرېتارى نيۇ شىننىڭ 2 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە يارقىشلاق كەنتىدىكى بىردىن-بىر خىتاي ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ راۋان ئۇيغۇر تىلى بىلەن كەنت ئاھالىسىگە رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلىق پارتكوملارنىڭ سېكرېتارلىرىنى بىردەك خىتايلارغا ئالماشتۇرغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە كەنت سېكرېتارلىرىنىڭمۇ خىتايلاردىن قويۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.