خۇ جىنتاۋ دەۋرىدىكى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانا مۇدىرى لىڭ جىخۇا ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.07.04

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ دەۋرىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لىڭ جىخۇا ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

ب ب س نىڭ ئاشكارىلىشىچە، لىڭ جىخۇا دېلوسى بويىچە ئېچىلغان مەخپىي سوتنىڭ ئاخىرقى قارارى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى چىقىرىلغان. لىڭ جىخۇا پارىخورلۇق، قانۇنسىز ھالدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

مەلۇمكى، لىڭ جىخۇا دېلوسى يېقىنقى يىللاردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ رەسۋا قىلغان دېلولارنىڭ بىرى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىڭ جىخۇا خىتاي كومپارتىيەسى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باش سېكرېتار خۇ جىنتاۋ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىللەردە خىيانەت قىلغان پۇللىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 77 مىليون سومدىن ئېشىپ كەتكەن.

خەلقئارادىكى سىياسىي ئانالىزچىلار لىڭ جىخۇا دېلوسىنىڭ بو شىلەي دېلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ مۇھىمى، لىڭ جىخۇانىڭ ئەينى چاغدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى خۇ جىنتاۋ بىلەن سىرلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە ھازىرغا قەدەر ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.