خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسى يىچاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 8-ئىيۇل خەۋەر ئېلان قىلىپ، جوۋ يوڭكاڭ، ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا پال سېلىش داڭ چىقارغان پالچى خىتاي ساۋ يوڭجىڭغا 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ساۋ يوڭجىڭ ئەسلى شەندۇڭلۇق بولۇپ، ئۇ بىڭتۇەندىكى دادىسىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەن ھەم ئۇزۇن يىل شىخەنزىنىڭ 70 كىلومېتىر نېرىسىدىكى دازىمياۋ ياكى قالماق بۇتخانىسى، دەپ ئاتالغان يەردە تۇرغان. ئۇ پالچىلىق ۋە يەل گۇمپىسى (چىڭگوڭ) ئۆگىنىپ، 1990-يىللاردا پال سېلىش بىلەن داڭ چىقارغان.
ئۇ ئۈرۈمچىدە ئېتىكاپ قۇرۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا پال سالغان. بۇ جەرياندا جوۋ يوڭكاڭ، ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق ئەمەلدارلارغا پال سېلىپ، جوۋنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئادىمى بولۇپ قالغان. ساۋ يوڭجىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچىدە «شىنجاڭدىكى 3 ئەۋلىيا» نىڭ بىرى، دەپ تونۇلغان. بۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا نېفىت شىركىتى قۇرۇپ، ئېنېرگىيە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، ئۆسۈمسىز قەرز ئېلىپ، باي بولۇشىغا كەڭ يول ئېچىپ بەرگەن.
بىراق جوۋ يوڭكاڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ساۋ يوڭجىڭ خىتاي دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. نەتىجىسىدە، جوۋ يوڭكاڭنىڭ ساۋ يوڭجىڭنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ئەمما دائىرىلەر جوۋ يوڭكاڭنىڭ پالچىنى قانداق دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ باقمىدى. يىچاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ساۋ يوڭجىڭ مۈلك ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئېلىپ-سېتىش، پارا بېرىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇنىڭغا يەنە 73 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.
