خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيۇڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان

7-ئاينىڭ 25-كۈنى خىتايدىكى بىر ھەربىي سوت خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيۇڭنى «چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ گېنېراللىق ئۇنۋانىنى بىكار قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، گو بوشيۇڭ ھەربىي سوتتا ئۆز جىنايىتىنى تونۇغانلىقى ۋە قىلمىشلىرىدىن پۇشايمان قىلغانلىقى مەلۇم. ئۇ سوتتا ئۆزىنىڭ ئالىي سوتقا قايتا ئەرز قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.

بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەن گو بوشيۇڭ 2012-يىلى خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ئورنىدىن غۇلىغان بولۇپ، ئۇ جياڭ زېمىن گۇرۇھىنىڭ خىتاي ھەربىي سىستېمىسى ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقلۇق ھەربىي ئەمەلدارلىرىدىن بىرى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گو بوشيۇڭنىڭ ئوغلى گو جېڭگاڭ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ گېنېرال مايور دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى تۇتۇپ تۇرۇلۇپ دېلوسى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان ئىكەن.

ئۇندىن باشقا، گو بوشيۇڭ بىلەن بىر قاتاردا خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ يەنە بىر مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخۇمۇ «پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك» جىنايىتى بىلەن بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى قاماقتا راك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە، ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى «چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇق» نى تازىلاش بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوپېراتسىيەسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مۇتلەق ھوقۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.