ئامېرىكا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەركىن ئىمىرباقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ئەمەلدارىغا ئېمبارگو قويدى

2020-12-07
Share

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېپو 7-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەركىن ئىمىرباقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 نەپەر مۇئاۋىن مۇدىرىغا ئېمبارگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مايك پومپېيونىڭ تەكىتلىشىچە، يۇقىرىقى 14 كىشىگە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئەنگلىيە-خىتاي قوشما ئاخباراتى ۋە خوڭكوڭ تۈپ قانۇنىغا ئاساسەن ئۆز ۋەكىللىرىنى سايلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن. بۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي يۇقىرى ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى بىر ئۇيغۇرغا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتارىدا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىدۇر.

ئەركىن ئىمىرباقى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، ھازىر ئۇ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىقىنى ئاتقۇرۇپ كېلىۋاتقانىدى. مايك پومپېيو باياناتىدا «بۈگۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ نومۇسسىز قىلمىشلاردا مەسئۇلىيىتى بارلارنى جاۋابكارلىققا تارتقانلىقى»، خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ تۈزۈلۈشى، ماقۇللىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا چېتىشلىق 14 كىشىنىڭ ئىسمى بېكىتىلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ 14 نەپەر مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ چۈنشيەن، ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، شەن يۈييۆ، جى بىڭشيەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋاڭ ئېنشياڭ، ۋاڭ دوڭمىڭ، چېن دۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. باياناتتا، بۇ كىشىلەرگە ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇلۇپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىكى مال-مۈلكى توڭلىتىلىپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۇلار بىلەن ئالاقىدە بولۇشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت