ئۇيغۇر مائارىپچىلىرىنى باستۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارى لى پېڭشىن تۇتقۇن قىلىنغان

خىتاينىڭ 2016-يىلدىن 2021-يىلغىچە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماش ھەرىكىتىدە، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ سېپىنى باستۇرۇشقا مەسئۇل بولغان خىتاي ئەمەلدارى لى پېڭشىن، خىتاي ئىنتتىزام تەكشۈرۈش تارماقىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. ئىلگىرى چىڭخەيدە ۋەزىپە ئۆتىگەن لى پېڭشىن، 2016-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگو بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان.

ئۇ ئۇيغۇر رايونىدا مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان مەزگىلىدە ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇپ كېلىنگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دەرسلىكى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «پان-تۈركىزىم» نى تەرغىب قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، بۇ دەرسلىكنى تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان ئۇيغۇر مائارىپچىلىرى بىردەك تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلاردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

مەزكۇر دەرسلىكلەرنى تۈزۈش ۋە تەھرىرلەش گۇرۇپپىسىدىكى ئوبزورچى يالقۇن روزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە بەش نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 11-دېكابىر ‍ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، 63 ياشلىق لى پېڭشىننىڭ «ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش گۇمانى» بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، لى پېڭشىننىڭ 2016-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان باستۇرۇشتا ئۇيغۇر مائارىپچىلىرىنى تاشلاشقا مەسئۇل بولغانلىقى، 2021-يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان لى پېڭشىننىڭ يېقىنقى مەزگىلدە خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تارتىپ چىقىرىلغان رايوندىكى ئىككىنچى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، بۇ يىل 10-ئايدا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ سابىق سېكرېتارى خەن يوڭنىڭ خىيانەتچىلىك گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقى مەلۇم.