خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يېرىم ھەربىي، يېرىم ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلاتى بولغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى ياڭ فۇلىن 18-ئاپرىل خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىپ 13 يىللىق كېسىلگەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياڭ فۇلىن پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا 3 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلغان. ياڭ فۇلىن يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا پارىخورلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ، تەكشۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ياكى رەسمىي قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىدىن ئىككىنچى كىشىدۇر.
مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ باش كاتىپى، ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى ياسىن سىدىق، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تارماقلىرى ياسىن سىدىقنىڭ «خاتالىقى» نى تونۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېلو مەلۇم قىلىشىدىن كېيىن تەكشۈرۈشنى باشلىغان. لېكىن خەۋەرلەردە، ئۇنىڭ چىرىلىككە ئائىت قانداق «خاتالىقلار» نى سادىر قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى.
ياڭ فۇلىن، ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلى خىتاينىڭ چوڭ تۇتقۇنى باشلىنىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەر تۈرمە، لاگېرلارغا قامالغان بىر ۋاقىتتا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بىڭتۇەن بۇ قېتىملىق باستۇرۇشتا ئوينىغان ھالقىلىق رولى سەۋەبلىك ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازالىشىغا ئۇچرىغانان ئىدى. خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياڭ فۇلىن خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى جىنەن ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان. ئۇ سوتتا 30 مىليون 490 مىڭ يۈەن پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، ياڭ فۇلىننىڭ پارا يېگەن پۇللىرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇ سوتتا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقى ۋە پارا ئالغان پۇللىرىنى قايتۇرۇشتا دائىرىلەرگە ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلگەن.
