خىتاي بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۇيغۇر رايونىدا بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىكەن

خىتاي بىلەن بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى 8-ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى بولغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرى، ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، دەپ قارىغان ئۇيغۇر رايونىدا خىتاينىڭ بىر مۇسۇلمان دۆلىتى بىلەن بىرلىشىپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

«يېڭى ئەرەب» تور گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى «بۈركۈت قالقىنى-2023» ناملىق مەشىق خاراكتېرلىك بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرىنىڭ 8-ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بولغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بىر پەيتتە، نېمە ئۈچۈن بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە مۇسۇلمان دۇنياسى، بولۇپمۇ ئەرەب دۇنياسى «بىز تەرەپتە» دېگەن سىگنالنى بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا. لېكىن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 1-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، مانېۋىرىنىڭ «خىتاي بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ‹ئەمەلىي ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش›، ‹ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرۈش›نى مەقسەت قىلغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش قارارىنىڭ خىتاي بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئۇنىڭغا خىتاينىڭ ل15 تىپلىق مەشىق ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىشىدىن كېيىن روياپقا چىققانلىقى مەلۇم. خىتاي ئىلگىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا بىر قانچە قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر رايونىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى، ئۇنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بۇ رايوندا ئۆتكۈزگەن تۇنجى ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرىمۇ ئەمەس. ئۇ 2017-يىلى پاكىستان بىلەن مەزكۇر رايوندا بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن. ھالبۇكى، بۇ خىتاينىڭ شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمە، لاگېرلارغا قاماۋاتقان مەزگىلى ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خىتاينىڭ ب د ت دىكى كۈچلۈك قوللىغۇچىسى بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەت ب د ت دا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىنى تەكشۈرۈشكە قارشى ئاۋاز بېرىپ كەلگەن.