خىتاي قانۇن كۈنىدە بېيجىڭغا بارغان ئەرزدارلار تۇتقۇن قىلىندى

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 4-دېكابىر «خىتاي قانۇن كۈنى»دە تەخمىنەن 2000 دەك ئەرزدار بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى ئالدىدا توپلىنىپ نامايىش قىلغاندا بىر تۈركۈم ئەرزدارلار تۇتقۇن قىلىنغان.
سىچۈەندىن كەلگەن ئەرزدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ ساقچىلىرى ئۇلار بىلەن بىللە كەلگەن 16 نەپەر ئەرزدارنى «جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلدى» دېگەن باھانىدە تۇتقۇن قىلىپ، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىغا سولاپ قويغان.

ئەرزدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4-دېكابىر خىتاي قانۇن كۈنىدە بېيجىڭدا نامايىش قىلغان ئەرزدارلار ئارىسىدا يەنە خېيلوڭجاڭ، شاڭخەي، جىلىن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئەرزدارلار ۋە تىيەنجىندىن كەلگەن ھەربىي سەپتىن مەجبۇرىي چېكىندۈرۈلگەن ئوفېتسېر-ئەسكەرلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئەرزىيەت ئىدارىسى ئالدىدا 1000 پارچىدىن ئارتۇق ۋەرەقە تارقىتىپ، نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ، تەۋەلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئۆز ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن كەلگەن ساقچىلار ياكى ھۆكۈمەت خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتكە نارازى بولغۇچىلارنىڭ پايتەخت بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىشى كۆپەيگەن. دائىرىلەر گەرچە ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە جايلارغا جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مەسىلىلەرنى يەرلىكتە ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز قىلىدىغانلار بارغانچە كۆپەيگەن. ئەرزدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بولۇپمۇ خىتايدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مۇھىم خاتىرە كۈنلىرى، بايراملار ۋە خەلقئارالىق يىغىن مەزگىلىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز قىلغۇچىلار نىسبەتەن كۆپ بولغان.