خىتاينىڭ مال ئېكسپورتى بۇ يىل 2-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.06.07

بۇ يىل 5-ئايدا خىتاينىڭ مال ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا 7. 5 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، مۆلچەردىكىدىن خېلىلا تۆۋەن بولغان.

ئامېرىكانىڭ ئىقتىساد خەۋەرلىرى قانىلى بولغان CNBC تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ مال ئېكسپورتىدىكى بۇ تۆۋەنلەش دۇنيا مىقياسىدا خىتاي ماللىرىغا بولغان ئېھتىياج ۋە قىزىقىشنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى بولۇشتەك ئورنىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇنچە مۇستەھكەم بولمايدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەن.

خىتاينىڭ 4-ئايدىكى مال ئېكسپورت مىقدارى ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا ئاشقان بولسىمۇ، 5-ئايدا بىراقلا چۈشۈپ كەتكەن، مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ 6-ئايدىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، بەلكى بۇنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىسادىي چۆكۈشنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى خىتاينىڭ تاشقى سودىغا تايىنىپلا ئىقتىسادنى گۈللەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ 5-ئايدا ئامېرىكاغا قىلغان مال ئېكسپورتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 15 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن بولسا، ياۋروپاغا قىلغان مال ئېكسپورت مىقدارى 5 پىرسەنتكە يېقىن تۆۋەنلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئاساسەن چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ مەبلىغى ۋە تاشقى سودا ئارقىلىق گۈللىنىدىغان بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى چوڭ شىركەتلەرنى قايتا جەلپ قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن؛ 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئامېرىكادىكى تېسلا شىركىتى خوجايىنى ئېلان ماسك بىلەن ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ بانكىلىرىدىن بىرى بولغان JP Morgan باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جەيمى دىموننى قىزغىن كۈتۈۋالغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.