خىتاي دائىرىلىرى قورغاس ئېغىزى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە زور مىقداردا نان ئېكىسپورت قىلىشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-11-11
Share

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي يەرلىك يېمەك-ئىچمەك ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولغان ناننى كارخانىلاشتۇرۇش ۋە زاۋۇتلاشتۇرۇشقا تۇتۇش قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا كۆپلىگەن نانچىلىق كارخانىلىرىنى قۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كارخانىلاردا ھازىر 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچى مەجبۇرىي ناۋايچىلىققا سېلىنماقتىكەن.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 10-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىن قورغاس چېگرا ئىغىزى ئارقىلىق 2 مىليون 700 مىڭ پارچە نان قاچىلانغان يۈك ماشىنىلىرى قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا يۈرۈپ كەتكەن. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرغان «قورغاس سانائەت باغچىسى» نىڭ نان ئېكسپورتىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى 6-ئايدا 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان «قورغاس سانائەت باغچىسى» كۈنىگە بىر مىليون پارچە نان ئىشلەپچىقىرىدىكەن. خەۋەردە يەنە بۇ سانائەت باغچىسىغا ناۋايچىلىق كەسپى بويىچە 7804 كىشىنىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقنى تىلغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى نان تىجارىتى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغان ئاساسلىق ئەمگەك تۈرىگە ئايلاندۇرۇلغان. كۆزەتكۈچىلەر ئاتالمىش «سانائەت باغچىسى»، «كەسىپي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ئەمەلىيەتتە تۇتقۇن قىلىش، يىغىۋېلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ سىستېمىلاشتۇرۇلغان شەكلى، دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر نانلىرىنى كارخانىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى يەرلىك تونۇرلارنى چېقىپ تاشلاپ، ئۇيغۇر نانچىلىقىنى تېز سۈرئەتتە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى نانچىلىق كارخانىلىرىغا ئايلاندۇرغان. بۇ كارخانىلاردا نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ناۋايلار توكلاشتۇرۇلغان تونۇرلاردا كېچە-كۈندۈز نان يېقىشقا مەجبۇرلانغان. ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق دوكتور قاھار ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ناۋايچىلىق كەسپىنىڭ مەجبۇرىي شەكىلدە كارخانىلاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيەتتە بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، دېدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت