ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا ھاررىس خانىم 24-ئاۋغۇست كۈنى ۋېيتنام پايتەختى خانوي شەھرىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەركەتلىرى ۋە بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە تەھدىت سالغانلىقىنى كەسكىن ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كامالا ھاررىس خانىم بۇ ھەقتىكى سۆزىدە: «خىتاي ھازىر ھەدىسە بۇ رايوندا تېرە تاراقشىتىپ باشقىلارنى قورقۇتىمەن، دەۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ زېمىنى دەۋاتىدۇ. بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت سالغانلىققا باراۋەر. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەرقاچان بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ھېمايە قىلىدۇ،» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كامالا ھاررىس خانىمنىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايون ھەققىدىكى پىكرىنى ناھايىتى مۇستەھكەم شەكىلدە بايان قىلغانلىققا باراۋەر ئىكەن.
كامالا ھاررىس خانىم بۇ قېتىمقى سۆزىدە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى «ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۇداپىيەسى ۋە گۈللەپ-ياشنىشى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق بولغان رايونلارنىڭ بىرى» دېگەن. ئەمما ئۇنىڭ سۆزى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇلارنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئامېرىكا ھەرقاچان باشقىلارنى بوزەك ئېتىمەن دەيدۇ. ئافغانىستاندىكى مالىمانچىلىقنى كۆردۇق. ئامېرىكا ئارىلاشقان ئىش ئاشۇنداق بولىدۇ،» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇرى قاتلام رەھبەرلىرى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن بىر قاتار يۇقۇرى دەرىجىلىك زىيارەت ۋە سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزگەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېنمۇ ئالدىنقى ھەپتە «بىزنىڭ ھەقىقى ئىستراتېگىيەلىك رەقىبلىرىمىز روسىيە ۋە خىتاي» دەپ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەن.
