خىتاي غەرب دۆلەتلىرىنى «قاچقان پارىخورلارنى قانات ئاستىغا ئالدى» دەپ ئەيىبلىگەن


رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدارلارنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش مەسىلىسىدە غەرب دۆلەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان، خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان پارىخورلارغا ئالاقىدار ماقالىدە: «بەزىلەر خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە پارىخورلارنى قانات ئاستىغا ئېلىۋاتىدۇ» دېيىلگەن.

مەزكۇر ماقالىدە، پارىخورلارنى قانات ئاستىغا ئېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نامى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما رويتىرىس ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرىقى چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن پارىخورلارنى قايتۇرۇپ ئەكىتىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي كۈتكەن دەرىجىدە ماسلىشىپ بەرمەيۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە غەرب دۆلەتلىرىدىن قاخشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رويتىرىس خەۋەرىدە يەنە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ئىشتا خىتايغا ماسلاشماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى سۈپىتىدە، خىتايدا سوتنىڭ مۇستەقىل ئەمەسلىكى، قايتۇرۇلغان گۇماندارلارنىڭ قېيىن - قىستاققا دۇچ كېلىدىغانلىقى، شۇنداقلا خىتاي تەرەپنىڭ ئۆز گۇمانىغا چۇشلۇق پاكىتلار بىلەن تەمىنلىيەلمەيۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالغان.