خىتاينىڭ «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» ھەرىكىتى گۇمان قوزغىماقتا
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ يېزىلاردىكى نامراتلىقنى تۈگىتىشتە غايەت زور رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنى «كومپارتىيەنىڭ نامرات دېھقانلارغا قىلغان غەمخورلۇقى» دېمەكتە ئىكەن.
-
مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-08-19 -
-
-
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ يېزىلاردىكى نامراتلىقنى تۈگىتىشتە غايەت زور رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنى «كومپارتىيەنىڭ نامرات دېھقانلارغا قىلغان غەمخورلۇقى» دېمەكتە ئىكەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى سانىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ ھەرىكەت خىتاي ئۆلكىلىرىدە 2015-يىلى باشلانغان «تۈمەن كارخانا تۈمەن كەنتكە ياردەم بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ئىكەن. بۇنىڭدا ھەرقايسى خىتاي كارخانىلىرى ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان يېزا-قىشلاقلاردىن ئىشچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىشچىلارنى باشقا جايلاردىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەش، شۇ ئارقىلىق «مۇقىم كىرىم بەرپا قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» مۇھىم مەزمۇن بولىدىكەن. خەۋەردە بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا گۇاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ ئىچكىرىدىكى ئالتە كارخانا ئۈچۈن خوتەن، كېرىيە ۋە لوپ ناھىيەلىرىدىن 700 ئىشچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئېيتىلغان.
يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى مەجبۇرىي ئەمگەك بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ بولغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» شەكلىدىكى ئەمگەكلىرى بەدىلىگە پۈتكەن مەھسۇلاتلارنى چەكلەش لازىملىقى ھەققىدىكى چۇقانلار ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئېلىۋاتقان ئىدى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ساختا ياردەملىرى ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكىلا خىزمەت قىلىدۇ، خالاس،» دېدى.