ئامېرىكا گېنېرالى ئامېرىكا كومپيۇتېر سىستېمىسىغا يوشۇرۇنغان خىتاي خاككېرلىرىغا قارشى «ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە» چاقىردى

ئامېرىكا ھەربىي رەھبەرلىرى خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى بىر خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئامېرىكادىكى ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە يوشۇرۇنۇۋالغانلىقى ۋە تور ھۇجۇمى ئارقىلىق ئامېرىكادا «تېررورلۇققا قۇتراتقۇلۇق» قىلىش ۋە «ئىجتىمائىي ۋەھىمە» پەيدا قىلىش ئۈچۈن كۈتۈپ ياتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا «ئارمىيە» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەھدىت يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا تور قىسىملىرىنىڭ قوماندانى لورنا مالوك تەرىپىدىن قايتا ئاگاھلاندۇرۇلغان. گېنېرال مايور لورنا مالوك ئۆتكەن ھەپتە قىلغان بىر قېتىملىق سۆزىدە، خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى ئىقتىدارىنىڭ «دائىرە، كۆلەم ۋە مۇرەككەپلىك» جەھەتلەردە كۈچىيىۋاتقانلىقى ۋە تېخىمۇ «قورقۇمسىز» ھالغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

لورنا مالوكنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا تور ساھەسى بۇ تەھدىتكە جىددىي قارىشى ۋە ئۇنىڭغا قارشى مۇداپىئەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «ھەرىكەتكە ئۆتۈشى» كېرەك ئىكەن. ئامېرىكا قانۇن ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى «ۋولت تەيپېڭ» ناملىق خاككېرلار گۇرۇپپىسى يۇمشاق دېتال سىستېمىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، ئۇلار خالىغان «ۋاقىت ھەم ئورۇن» دا ئالاقە، ئېنېرگىيە، قاتناش، جىددىي ئەھۋال خىزمەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئىكەن.

بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI)نىڭ دىرېكتورى كرىستوفېر رېيمۇ «ۋولت تەيپېڭ» خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا «قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ئۈچۈن مۇۋاپىق بىر پەيتنى» كۈتۈپ ياتقانلىقى، بۇ خاككىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئامېرىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك سۇقۇنۇپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

لورنا مالوك قاتارلىق ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ تەھدىتنىڭ نوقۇل ئامېرىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىگىلا قارىتىلمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە شەخسلەرگىمۇ قارىتىلىشى مۇمكىنلىكى، شۇڭا ئارمىيە ئىچىدىمۇ شەخسلەرنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. «ئارمىيە» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېنېرال مالوك رەقىبلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بايقىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇلار ئامېرىكا ئىچىدە بۇ يۇمتاللارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرمەي تۇرۇپلا ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.