ياپونىيە خىتايدىن ھاۋا مۇداپىئە رايونىنى دەرھال بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.11.28

ياپونىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى خىتايدىن ئۇنىڭ شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونىنى دەرھال بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياپونىيە ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى چارشەنبە كۈندىن باشلاپ، خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۇچۇش يۆلىنىشىنى مەلۇم قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن شەنبە سېنكاكۇ ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىنى مۇداپىئە كىملىك رايونى، دەپ ئېلان قىلىپ، بۇ رايونغا كىرگەن ھەرقانداق چەتئەل ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم قىلمىسا، مۇداپىئە خاراكتېرلىك تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ئونۇدېرا چارشەنبە كۈنى: بىز بۇنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلمايمىز. خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونىنى دەرھال بىكار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىشىنىمەنكى، ئامېرىكا ئوخشاش پىكىردە، دېگەن.

خىتاي دۈشەنبە كۈنى ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونىنى ئېلان قىلىپ ئەتىسى ئامېرىكىنىڭ 2 دانە ب-52 بەلگىلىك ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى بۇ رايوندىن ئۇچۇپ ئۆتكەن. خىتاي بۇنىڭغا ھېچقانداق مۇداپىئە تەدبىرى قوللانمىغان ئىدى.

بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھېيگېل، سېنكاكۇ قاتارلىق ياپونىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپتىكى بەزى ئاراللارنىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك شەرتنامىسىگە ئاساسەن قوغدىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.