خىتاي دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەربىي بازىلارغا مەشققە ئەۋەتىلىدىكەن
شىنخۋا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى 2016-يىللىق ئەمەلىي مەشىق ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەربىي بازىلارغا ئەۋەتىلىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن.
-
مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-01-04 -
-
-
شىنخۋا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى 2016-يىللىق ئەمەلىي مەشىق ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەربىي بازىلارغا ئەۋەتىلىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئارمىيىسى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىبارەت كىلىماتى قۇرغاق، يەر شەكلى مۇرەككەپ بولغان چېگرا رايونلاردا ئارقا-ئارقىدىن يېڭى تىپتىكى ھەربىي بازىلارنى قۇرغان.
خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى ئۆتكەن يىلى ئۆز قارمىقىدىكى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنى ئىچكى موڭغولدىكى ھەربىي بازىلاردا مەشقلەندۈرگەن بولسا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىي بازىلاردا مەشقلەندۈرۈشنى پىلانلىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مىڭلىغان خىتاي ئەسكەرلىرى گۋاڭجودىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىدىن ئايرىلىپ ھەربىي ماشىنا ياكى پويىز ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا توشۇلىدىكەن. خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ يۆتكىلىش ئومۇمىي مۇساپىسى 5900 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، خىتاي ئارمىيە تەرەپ بۇنى «دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كەڭرى قۇرۇقلۇقتا ۋە مۇرەككەپ شارائىتتا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈندۇر» دەپ ئىزاھلىغان.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىشى نوقۇل ھالدىكى «مەشلەندۈرۈلۈش» ئۈچۈنلا ئەمەس. بۇ يەردە خىتايغا تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى رايوندا كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلىرىگە ھەيۋە كۆرسىتىش شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا ياكى غەربىي ئاسىيا ئەللىرىدىن خىتاينىڭ غەربىي چېگراسىغا كېلىدىغان تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر، دەپ ھېسابلىماقتا.