خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرىنى يۆتكىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.01.15

خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتىپ، ھەربىي مەشىق باشلىشى خەلقئارا ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىز فلوتىغا قاراشلىق بىر قانچە مىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش ئەسكىرىنى ھاۋا، تۆمۈر يول ۋە تاشيول ئارقىلىق تارىم ئويمانلىقىغا يۆتكىگەن.

خىتاي جەنۇبىي دېڭىز فلوتىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى لى شاۋيەن، بۇ قىسىملارنى سوغۇق ھاۋادا مەشىق قىلدۇرۇش ئۇلارنىڭ «يىراق مۇساپىدىكى ناتونۇش رايونلار» دا ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ، دېگەن.

بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تۇنجى قېتىم دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرىنى يۆتكىشىدۇر.

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرىنى تەكلىماكانغا ئوخشاش دېڭىزغا يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىغا يۆتكەپ، مەشىق قىلدۇرۇشى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەردە، «خىتاي ئوتتۇرا شەرققە قوشۇن چىقىرىشنى پىلانلاۋاتامدۇ؟» دېگەن گۇمان پەيدا قىلغان.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 12‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىپ، چەتئەلگە قوشۇن چىقىرىشنى ماقۇللىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىر خىتاي تۇتقۇننى ئۆلتۈرۈشى، مالىدىكى بىر مېھمانخانىدا 3 خىتاينىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئىنكاس قايتۇرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەر ئانالىزىدا، بۇ قانۇن خىتاينىڭ خەلقئارا سودا ۋە دىپلوماتىك مەنپەئەتىنى قوغداشقا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.