خىتاينىڭ بۇ يىللىق ھەربىي خام چوتى 7 - 8 پىرسەنت ئەتراپىدا ئۆستۈرۈلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.03.04


خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئەمەلدارى بۇ يىللىق خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ % 8 - 7 ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بۇنداق مەزگىلدە، ئۇنىڭ ھەربىي خام چوتى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئايال باياناتچىسى فۇ يىڭ جۈمە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، «خىتاينىڭ بۇ يىللىق ھەربىي خام چوتى داۋاملىق ئۆستۈرىلىدۇ. بىراق ئۇنىڭ مىقتارى بۇلتۇرقىدىن ۋە ئالدىنقى يىللارقىدىن ئازراق بولىدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئىزچىل ئۆزىنىڭ ھەربىي خام چوتىنى 2 خانىلىق رەقەم بىلەن ئۆستۈرۈپ كەلگەن. ئۇ، بۇ پۇل بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ئۇنىڭ ھەربىي غەرىزىدىن گۇمان قىلىپ كەلگەن.

فۇ يىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ھەربىي خام چوتى «7 بىلەن % 8 ئارىلىقىدا ئۆستۈرىلىدىكەن.»

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2015 - يىلى 9 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا 300 مىڭ ئەسكەر قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئارقىدىنلا خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تەرتىپكە سېلىپ، ھەربىي رايونلارنى بىكار قىلغان، يېڭى قوماندانلىق شتابى قۇرۇپ، 2 - توپچىلار قىسمىنى ئىستراتېگىيەلىك راكىتا قىسمىغا ئۆزگەرتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.