ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ جەڭ مەشىقى قىلىش ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى
2023.03.09
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق قىسىملىرىنىڭ جەڭ مەشىقى قىلىشى ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىماقتا.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق قىسىملىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-ئومۇمىىي يىغىنى مەزگىلىدە ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەندە بەس-بەستە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق قىسىملارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن.
خەۋەردە، «جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى» مەلۇم پولكىنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى ئايدىن تۇرسۇنبېك سۆزىدە «بىز چوقۇم ئۇرۇش مەشىقى، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشىمىز ۋە سەرخىل ئەسكەرلەردىن كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللىشىمىز كېرەك» دېگەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غەربىي شىمال چۆل مەشىق مەيدانىدا ھەقىقىي جەڭ قىلىش مەشىقىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، دۈشمەننىڭ ھەر خىل تۇيۇقسىز خەۋپى ئالدىدا تەمكىنلىكنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ياخشى تاماملاۋاتقانلىقى قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بۇندىن ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم ئېلان قىلىنغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى لاگېرغا قامىغاندىن سىرت، رايوندا يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ئارقىلىق مۇتلەق كونترۇللۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغان بىر ۋەزىيەتتە رايوندىكى قوراللىق قىىسملارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغايدىكەن.