خىتاي ھەربىي قوماندانىنىڭ ئۆلۈۋېلىشى خىتاي ئارمىيەسىدىكى زىددىيەتنى ئاشكارىلاپ بەرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.07.12

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى (RFI) 10-ئىيۇل كۈنى بەرگەن خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى راكېتا قىسمىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ۋۇ گوخۇا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇنى «مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلدى» دەپ ئېلان قىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقە خىتاي ئارمىيەسى ئىچىدىكى ئىختىلاپ ۋە يەڭ ئىچىدىكى كۈرەشنى ئاشكارىلاپ بەرگەن بولۇپ، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر سابىق ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى راكېتا قىسمىنىڭ قوماندانى لى يۈچاۋ ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان ئوغلى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان، چۈنكى ئۇنىڭ ئوغلى ئامېرىكاغا ئاخبارات تەمىنلىگەنمىش.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتاي ئارمىيەسى راكېتا قىسمىنىڭ كۆپلىگەن كاتتىباشلىرى بۇ ئىشقا چېتىلىپ قالغان. خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى راكېتا قىسمىنىڭ ئورنى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق كۈچ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ يەردىن چىققان مەسىلە شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ھەربىي ئەمەلدارلارنى كۆپلەپ ئالماشتۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئارمىيە ئىچىدە ئىسيان چىقىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرىدىغان شى جىنپىڭ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان 100 گە يېقىن ھەربىي ئەمەلدارنى جازالىغان بولۇپ، ئارمىيە ئىچىدىكى تازىلاش مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتكەن. رۇسىيەدە چىققان ھەربىي توپىلاڭ كوممۇنىست خىتايدىمۇ ئەنسىرەش پەيدا قىلغان بولۇپ، شى جىنپىڭ ھەربىي ئەمەلدارلارنى قاتتىق تىزگىنلەش ۋە ئىنتىزامنى چىڭىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.