ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرلىكىنى كەسكىن تەنقىدلىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.08.01

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 31-ئىيۇلدا فىلىپپىن پايتەختى مانىلادا چاقىرىلغان «فىلىپپىن سودا مۇنبىرى» يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ كەسكىن سۆز قىلغان. كومىتېت رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن (Ursula von der Leyen) خانىم يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەندە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان خىتاي ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئورنىغا ھىندى-تىنچ ئوكيان بويىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى بەكلا كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە خىتاي ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى» دېگەن.

«سىياسىيون» گېزىتىنىڭ 31-ئىيۇلدىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى ۋە جەنۇبىي دېڭىز بويىدا ھەربىي ھەرىكەتلەرنى جىددىيلەشتۈرۈشى ئۆز نۆۋىتىدە دۇنياۋى ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جايلاردىكى ئىشلارغا ئارىلىشىشنى باشلاپ بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز كىم بىلەن قوشنا بولۇشنى تاللىيالمايمىز. ئەمما كىم بىلەن، قانداق يوسۇندا سودا قىلىشنى تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگىمىز» دېگەن. ئۇرسۇلا خانىمنىڭ بۇ سۆزلىرى نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇرسۇلا خانىم ئىزچىل خىتاي ھەققىدە كەسكىن مەيداندا بولۇپ كەلگەنلىكتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدىكى «ناچار شەخس» كە ئايلىنىپ قالغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېمانيۇل ماكرون (Emmanuel Macron) بىلەن بېيجىڭغا زىيارەتكە بارغاندىمۇ روشەن ھالدا پەرقلىق بولغان مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.