خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى تىبەت ھەربىي رايونىنىڭ باش قوماندانى بولغان ۋاڭ خەيجياڭنى «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ باش قومانداىنلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن. ئۇ ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەندىن كېيىنكى بۇ بىر قانچە كۈندە، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي ئەمەلدارلارنى ئۇزىتىش ۋە ئۈرۈمچى «ئىنقىلاۋى قۇربانلار قەبرىسى» نى يوقلاش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋاڭ خەيجياڭ سىچۈەنلىك بولۇپ، 1963-يىل تۇغۇلغان؛ ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، «ئازادلىق ئارمىيە» 61-دىۋىزىيە باشلىقى، «جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، تىبەت ھەربىي رايونىنىڭ باش قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2019-يىل گېنرال لېيتېنانت دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلگەن.
ۋاڭ خەيجياڭنىڭ «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىل تىبەت پارتكومىنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگونى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ كېلىپ، بۇ رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن بولسا، بۇ قېتىم خىتاي گېنرالى ۋاڭ خەيجياڭنى يۆتكەپ كېلىش ئارقىلىق بۇ جىنايەتكە ئارقا تىرەك بولۇش ۋە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا بېسىمنى تەھدىت دەپ قاراپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەربىي كونتروللۇقىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.