خىتاي ئوماندا ھەربىي بازا قۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2023.11.08

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 7-نويابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك باغلىنىشىنى كۈچەيتىش ۋە بۇ رايوندىكى تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئوماندا ھەربىي بازا قۇرۇشنى پىلانلىغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن بۇ مەسىلە ھەققىدە دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىلىرىگە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئومان تەرەپ بىلەن بۇ ئىشنى مۇزاكىرىلىشىۋاتقانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ كېلەر ھەپتە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئوماندا بازا قۇرىدىغانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن. پەقەت بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، ئومان بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ مول نەتىجىلىك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئوماندا قۇرىدىغان ھەربىي بازىسى خىتاينىڭ شەرقىي ئافرىقا دۆلىتى جىبۇتىدا قۇرغان «ئارقا سەپ ھەربىي ئەسلىھە مەركىزى» گە ياردەم بېرىش رولىنى ئوينايدىكەن. خىتاي بۇلارنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى ساقلاش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ئەسلىھە» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇنى باھانە قىلىپ چەت ئەللەردە قۇرغان ھەربىي بازىلىرى كۆپەيمەكتە ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ھىندونېزىيە، تايلاند ۋە پاكىستاندا قۇرغان ھەربىي بازىلىرى بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.