خىتايدا ھەربىي سەپتىن بوشىتىلغان ئەسكەرلەر دۆلەت مۇداپىئە بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-10-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، 11-ئۆكتەبىر كۈنى ھەربىي سەپتىن چېكىندۈرۈلگەن 1000 غا يېقىن ئەسكەر بېيجىڭدىكى دۆلەت مۇداپىئە بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ، ھەربىي سەپتىن چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىنكى تەمىناتنىڭ تۆۋەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئەسكەرلەرنىڭ نامايىشى بولۇۋاتقان دۆلەت مۇداپىئە بىناسىغا تۇتۇشىدىغان چاڭئەن كوچىسىنى قامال قىلغان. قوراللىق ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدىكى ماش رەڭلىك ھەربىي كىيىم كىيگەن ئەسكەرلەر قوللىرىدا دۆلەت بايرىقى ۋە ھەربىي سەپتىكى خىزمەتلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىقتىساد ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەڭسىز مۇئامىلىگە يولۇققانلىقى بايان قىلىنغان تاختا ۋە پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇلار يۇقىرى ئاۋازدا كوللېكتىپ ناخشا ئېيتىپ، خىتايدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئەسكەر قىسقارتىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بۇلتۇر خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسكەر قىسقارتىش پىلانىنى ئېلان قىلغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە 2017-يىل ئاخىرىغىچە خىتايدا 300 مىڭ ئەسكەر قىسقارتىلىپ، ئۇ ئەسكەرلەرگە بېرىلىدىغان ھەربىي تەمىناتنىڭ دېڭىز ئارمىيە ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ قوراللىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن يېڭىلاشقا سەرپ قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت