خىتاي گېنېرالى ھەربىي خامچوتنى 20% ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.03.03

پىشقەدەم خىتاي ئارمىيىسى گېنېرالى ۋاڭ خۇڭگۇاڭ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ زامانىۋىيلىشىش ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى رىقابەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىللىق خامچوتىنى ئاز دېگەندە 20 پىرسەنت ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. «جەنۇبىي جۇڭگو سەھەرى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېنېرال ۋاڭ خۇڭگۇاڭ بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا قىلغان. ئۇ سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىنى ئاشۇرماقچى بولۇشى بىزنى رايوندىكى ھەربىي ھازىرلىقلىرىمىزنى كۈچەيتىشكە قىستىشى مۇمكىن، دېگەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينىڭ تالاش - تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرىغا يېقىندا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە رادار يۆتكىگەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ، خىتاينى رايوننى «ھەربىيلەشتۈرۈش» بىلەن تەنقىد قىلغان ئىدى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى ئادېمىرال ھاررىي ھاررىس ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېرلار ئارقا - ئارقىدىن بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ بۇنداق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭمۇ جەنۇبىي دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بىراق گېنىرال ۋاڭ خوڭگۇاڭ مۇنداق دېگەن : «ئامېرىكىنىڭ 11 ئاۋىئاماتكىسى بار. ئەمما بىزنىڭ ئاران بىرى بار، ئۇمۇ تېخى مەشىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. نۇرغۇن قىسىملىرىمىز ھازىرغىچە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن كونا قوراللارنى ئىشلەتمەكتە. بىز خىتاي ئارمىيىسىنى خىتايغا ئوخشاش قۇدرەتلىك دۆلەتكە ماسلاشسۇن دېسەك، ئۇنى ھەقىقىي بىر زامانىۋىي ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتاي ھەربىي خامچوتى 1.10 پىرسەنت ئېشىپ، 9.886 مىليارد سومغا يەتكەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.