خىتاي ھۆكۈمىتى 22 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە تەنقىدىگە قارىتا ئۆزىنى ئاقلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس يىغىنىدا 22 دۆلەت بىرلەشمە مەكتۇپقا ئىمزا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قانۇنسىز تۇتقۇننى توختىتىش ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرغانىدى. 10-ئىيۇل كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز ئاشۇ دۆلەتلەرنى پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشقا، بىر تەرەپلىمە ۋە ئەپقاچتى پاراڭلارغا قۇلاق سالماسلىققا دەۋەت قىلىمىز. شۇنداقلا شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشماسلىققا چاقىرىمىز» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىمۇ 10-ئىيۇل كۈنى دەرھاللا «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى» نىڭ سابىق پارتىيە سېكرېتارى ۋە پەخرىي مۇدىرى بولغان ليۇ بىڭ ئارقىلىق ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە خىتايغا قاراتقان تەنقىدلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاقلىدى.

ليۇ بىڭ ماقالىسىدە: «ئامېرىكا شىنجاڭدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتا. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىمۇ كېلىپ باقمىغان بىر جاي ھەققىدىكى يالغان-ياۋىداقلارغا شۇنچە ئاسان ئىشىنىپ كەتمەكتە» دېيىش ئارقىلىق خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدىكى تەپسىلىي ۋە بىرىنچى قول مەلۇماتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان. شۇنداقلا 2004-يىلى نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ: خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار چېگراسى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورلىرىنى «گەرچە شىنجاڭغا كېلىپ باققان بولسىمۇ تارىخىي پاكىتلارنى ۋە رېئاللىقنى بۇرمىلاپ بايان قىلغان» دەپ ئەيىبلىگەن.

ماقالىدا ليۇ بىڭ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «مۇشۇ خىلدىكى دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلامچىسى» دەپ قارىغان ھەمدە «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى›نى كۆرەلمەي، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئارقىلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشماسلىققا ئۈندەۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن.

ھالبۇكى يېقىنقى مەزگىللەردە ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا بېرىپ كەلگەن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇ-قات توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماي توپلاپ كەلگەن مەلۇماتلار، شۇنداقلا رادىيومىز مۇخبىرلىرى ئىگىلىگەن بىرىنچى قول ئۇچۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تازىلاش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى يېتەرلىك دەرىجىدە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت