خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەقلەر دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.09.02

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ئۆزلىرى 2022-يىلى 31-ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى مەركەز قىلغان دوكلاتنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ساھەلەردىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا چاقىرغان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ. «بۇنداق مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. شىنجاڭدا ھازىر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي گۈللىنىش داۋام قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لى جيەن 28-كۈنى چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلە ھەققىدە «پائال ۋە قىزغىن سۆھبەت» تە بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھېچقانداق كۈچنىڭ مۇشۇ مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى «سىياسىي جەھەتتە چەكلەش ۋە ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. لى جيەن مۇشۇ ئەھۋاللارنى تىلغا ئېلىش جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان دەپ كېلىۋاتقان كونا مۇقامنى قايتىدىن توۋلاپ، «شىنجاڭدا ھەممىلا كىشى بەختىيار تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىۋاتىدۇ» دېگەن.

2-سېنتەبىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن. ئۇ، بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى پۈتۈنلەي تۆھمەت. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ۋەيران قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل سۇيىقەستلىرى ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا شۇنچە كەڭرى ئىسپاتلانغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىزچىل تۈردە رەت قىلىشى. ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىدىن مايا ۋاڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى شۇنچە ئېنىق ھۆججەتلەشكەن جىنايەتلەرنى ئىنكار قىلىشى، ھېچقانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئەمما ب د ت مۇشۇ خىل پوزىتسىيەدىن بۇ ئىشلارنى داۋاملىق دىققەت مەركىزىدە تۇتۇشنىڭ لازىملىقىنى كۈچلۈك شەكىلدە ھېس قىلىشى لازىم» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى زۇلۇمنى ئىنكار قىلىش مەۋقەسى نۆۋەتتە «ھازىر داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە زۇلۇملارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ توختاپ قالمايدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى» دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.