خوڭكوڭلۇقلار خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ «مىڭپاۋ» گېزىتىنىڭ تەھرىرىنى ئىشتىن بوشاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن
2016.05.02
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن نەچچە يۈزلىگەن خوڭكوڭلۇق بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئايدا خوڭكوڭدىكى داڭلىق گېزىت «مىڭپاۋ» دا مەخسۇس ماقالە ئېلەن قىلىنىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا چېتىلىدىغان «پاناما ھۆججەتلىرى» نىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرى ئاشكارا قىلىۋېتىلگەن.
بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر گېزىتنىڭ كەسپىي ئىشلارغا مەسئۇل ئىككىنچى نومۇرلۇق باش مۇھەررىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئىشتىن بوشىتىلغان.
خوڭكوڭدىكى مىڭپاۋ سانائەت مەركىزىگە توپلانغان يۈزلىگەن مۇخبىرلار، سىياسىي ئاكتىپلار ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى قوللىرىغا «مۇخبىرلارنى قوغدايمىز، مىڭپاۋ گېزىتىنى قوغدايمىز، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغدايمىز!» دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىچېڭ رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارىنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ «كومپارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان» لىقىنى ئېلان قىلغان. شى جىنپىڭنىڭ 2 - ئايدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىسنى زىيارەت قىلىپ، تاراتقۇلارنىڭ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىلا ئەمەس، بەلكى يېرىم ئاپتونومىيەگە ئىگە خوڭكوڭدىمۇ ئاخبارات قامالى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنمەكتە ئىكەن.









