فرانسىيەلىك فوتوگراف ۋاكنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مەنزىرىسىگە ئائىت سۈرەتلىرى خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان

دۇنيادىكى داڭلىق فوتوگراف فىلىم شىركىتى كوداكنىڭ فرانسىيەلىك فوتوگراف پاترىك ۋاكنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مەنزىرىسىگە ئائىت سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلىشى، خىتاي تورلىرىدا مۇنازىرە قوزغىغان. كوداك شىركىتى ۋە فوتوگراف پاترىك ۋاك خىتاي تورداشلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

پاترىك ۋاك تارتقان بۇ سۈرەتلەر كوداكنىڭ ئىنستىگرامدىكى ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ سۈرەتلەردىكى ئىزاھات خىتاي تاراتقۇلىرى ۋە تورداشلىرىنى بىئاران قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، پاترىك ۋاك بۇ سۈرەتلەرگە «بۇ رايوندا كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلدى»، بۇ سۈرەتلەر «شىنجاڭنىڭ تۇيۇقسىز ئورۋېلچە دىستوپىيە ئىچىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ پاكىتى» دەپ ئىزاھات بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايلار سۈرەتتىكى گۈزەل مەنزىرىلەر بىلەن «شىنجاڭنىڭ تۇيۇقسىز ئورۋېلچە دىستوپىيە ئىچىگە چۈشۈپ قالغانلىقى» ئوتتۇرىسىدا بىر باشلىنىش يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پاترىك ۋاك رەسىملىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۈزەل-تاغ دەريا مەنزىرىلىرىنى ئەكس-ئەتتۈرۈش ئارقىلىق بۇ گۈزەل مەنزىرە ئىلكىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ تىنچ ھاياتىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە قانچىلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇرىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى ئىكەن.

لېكىن كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار يەنە خەلقئارانىڭ بۇ رايوندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەردە غايىپ بولغان ئاز دېگەندە بىر مىليون 800 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشىنى رەت قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە خىتاي تورداشلىرىنى ئىشقا سېلىپ، غەرب سەنئەتچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە پىكىر بىلدۈرۈشىنى كونترل قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، كوداك خىتاينىڭ بېسىمى تۈپەيلى پاترىك ۋاكنىڭ فوتو سۈرەتلىرىنى ئۆ‍چۈرىۋەتكەن.