خىتاي بېيجىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككىنچى پايتەخت قۇرۇشنى پىلانلىماقتا

خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككىنچى بىر پايتەخت تەسىس قىلىش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر تەتقىقات دوكلاتى تەييارلىغان. خىتاينىڭ ئىككىنچى پايتەختىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قايسى جايىغا قۇرۇدىغانلىقى تېخى ھازىرچە ئاشكارا بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتىدا ئۇنى ئۈرۈمچى ياكى قەشقەر ئەتراپىدا قۇرۇش تەۋسىيە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، تەتقىقات دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئىككىنچى پايتەختىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇلۇشى ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان بۇ رايوندىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىكنى پەيسەيتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئەگەر بۇنداق بىر پىلان ئىشقا ئاشۇرۇلسا، ئەسلىدىنلا خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا قاتتىق تەسىرگە ئۇچرىغان بۇ رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى تۈپتىن ئۆزگەرتىلىپ، رايوننىڭ تېخىمۇ تېز خىتايلىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارالماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دوكلات فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جوۋ ۋېن بىلەن سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مى جۈن باشچىلىقىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان. تەتقىقات دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئىككىنچى پايتەختىنىڭ ئۈرۈمچى ياكى قەشقەر ئەتراپىدا قۇرۇلۇشى خىتايلارنىڭ يەرلىك مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككىنچى پايتەختنىڭ فۇنكىتسىيەسنىڭ بېيجىڭ بىلەن قانداق تەقسىم قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ ئۇچۇر بېرىلمىگەن. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، 4 يىللىق مەزكۇر پىلانغا قاتناشقان تەتقىقاتچىلار، بۇ پلاننىڭ گېئو-سىياسى ۋە مۇھىت جەھەتلەردىكى خەۋپلەرنى ھەل قىلىش، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ جەلپ قىلىش مەركىزىنى قايتا تەڭشەش ۋە ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆسۈشىگە پۇرسەت يارىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.