خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش، مەبلەغ سېلىش ۋە پارچە سېتىش ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەش ئويلىغاندەك بولمىغان


خىتايدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، مەبلەغ سېلىش ۋە پارچە سېتىش سودىسىدىكى ئىلگىرىلەش ئاپرېلدا ئويلىغاندەك بولمىغان.

رېيتېرستا خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى شەنبە كۈنى تارقاتقان سانلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاپىرىلدىكى سانائەت ئىشلەپ چىرىش نىسبىتىنى 6.5 پىرسەنت بولىدۇ دەپ، پەرەز قىلغان بولسىمۇ، ئۆسۈش نىسبىتى 6 پىرسەنت ئەتراپىدا توختاپ قالغان.

مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش نىسبىتى 10.5 پىرسەنت ئەتراپىدا بولۇپ ئەسلىدە كۈتۈلگەن 10.9 پىرسەنتكە يەتمىگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ستاتىستىكا ئىدارىسى «گەرچە خۇسۇسىي مەبلەغ سېلىش سوممىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان بولسىمۇ، ئۆسۈشتىكى ئىزچىل تۆۋەنلەشنىڭ مۇقىم ئۆسۈش قەدىمىنى بوغۇپ قويىدىغانلىقى، بۇنىڭغا يۇقىرى دەرىجىدە ئېتىبار بېرىش لازىم» لىقىنى كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مارتتىكى ئىقتىسادىي ئۆسۈش نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان بولۇپ، بۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىكى توغرا يۆلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، دېگەن تۇيغىنى بەرگەن.

ھالبۇكى، ئاپرېلدىكى ۋەزىيەت ئىقتىسادشۇناسلارنى ئويلاندۇرۇپ قويغان.

رويتېرس بۇ ھالەتنى خىتاي ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىكى يوشۇرۇن مەۋجۇت ئاجىزلىقنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ئىقتىسادىي ئىگىلىكىدە كۆرۈلگەن ئاستىلاش ئىچكى - تاشقى ئېھتىياجنىڭ تۆۋەن بولۇشى، تەمىنلەشنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى بولۇشى ۋە زاۋۇتلاردىكى قەرزنىڭ بارغانچە كۆپىيىپ مېڭىشى قاتارلىق بىرقانچە ئامىلغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.