خىتاينىڭ يېقىنقى 2 ئايلىق ئىقتىسادى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك جىددىي يىمىرىلىشكە دۇچ كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-16
Share

خىتاينىڭ بۇ يىل 1 ۋە 2‏-ئايلاردىكى ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك جىددىي يىمىرىلىشكە دۇچ كەلگەن.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1‏-ۋە 2‏-ئايلاردا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ بۇ ئىككى ئاي ئىچىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، پارچە سېتىش ۋە مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشنىڭ ھەممىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. خەۋەردە، خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 16‏-مارت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا چەك قويغانلىقى دەلىللەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ 1‏-ۋە 2‏-ئايدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى 5. 13 پىرسەنت، پارچە سېتىشى 5. 20 پىرسەنت، مۈلۈككە سېلىنغان مەبلىغى 5. 24 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.

خەۋەردە، ئانالىزچىلارنىڭ مۆلچەرى بويىچە كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇسنىڭ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدا ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسىنى خېلى مەزگىل يوشۇرۇشى ۋىرۇسنىڭ كەڭ كۆلەملىك يۇقۇمغا ئايلىنىپ، ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ قامال قىلىنىشى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىل 1‏-پەسىلدىكى ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ئۇنىڭ مارت ئېيىدىكى ئىپادىسىگە باغلىق ئىكەن.

خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ماۋ شېڭيوڭ: «بىز پەقەت كېلەر ئايدىلا 1‏-پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز» دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ پەسىللىك ئىقتىساد «ئاساسلىقى مارت ئېيىنىڭ ئىپادىسىگە باغلىق بولۇپ، مارت ئېيى 1‏-پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ 40% نى ئىگىلەيدىكەن». لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېخى ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى، شۇڭا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى كەڭ كۆلەملىك يۆتكەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت