شى جىنپىڭ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى مۈشكۈلاتقا تولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن
2024.10.01
دۇنيادىكى ئىككىنچى زور ئىقتىسادىي گەۋدە، دەپ قارىلىۋاتقان خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئىقتىسادىي چېكىنىشى نۆۋەتتە بارغانسېرى ئاشكارىلانماقتا.
«سودا دۇنياسى» گېزىتىنىڭ 1-ئۆكتەبىردىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا شى جىنپىڭ ئالاھىدە سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە «ئالدىمىزدىكى يول مۇشەققەتلىك ۋە بوران-چاپقۇنلۇق بولۇشى مۇمكىن. بۇ يول بەزىلەر ئويلىغاندەك ئۇنچە راۋانمۇ بولماسلىقى مۇمكىن» دېگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكسىلىشنى قوزغىتىش مەقسىتىدە 284 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە دۆلەت زايومى تارقاتقانلىقى، ئۆي-مۈلۈك قەرزى قىسقا مۇددەتلىك قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەنلىكى قاتارلىق تەدبىرلىرى ھەققىدە سۆز قىلمىغان.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ زور خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەن ئالسىمۇ، يەنىلا بۇ خىل خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تۈپكى سىياسەت ئىسلاھاتىغا قارشى ئىكەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى سۆزلىرىدە تىلغا ئېلىنغان «بىز جەزمەن خەتەرلىك ۋە يامغۇرلۇق كۈنلەرگە تەييارلىنىپ قويۇشىمىز لازىم» دېگەن ئەھۋال يېقىن كەلگۈسىدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلەلىشىدە چوڭ ئۈمىد يوقلۇقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارالغان. بولۇپمۇ تاجسىمان ۋىرۇسى مەزگىلىدە پۈتكۈل خىتاي ئۈچ يىلدىن كۆپرەك قامالغا گىرىپتار بولۇپ، سودا ۋە ئىقتىساد ساھەسى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان، شۇنىڭدەك خىتاي ئىقتىسادىنىڭ پاراۋۇزى، دەپ قارىلىۋاتقان ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر كاساتلىشىشىغا سەۋەب بولغان. نەتىجىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئايلىق كىرىمىمۇ بۇنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئائىلىلەر جەمئىي 18 تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادىي زىيانغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ جانلىق ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن 60 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن توغرا كېلىدىكەن. بۇ پۇل بولسا خىتايدىكى ئوتتۇرىچە بىر شەھەر خىزمەتچىسىنىڭ تۆت يىللىق مائاشىغا توغرا كېلىدىكەن.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا تۈرلۈك چارىلەرنى، جۈملىدىن ئىقتىسادنى قوزغىتىش تەدبىرلىرىنى ۋە زايوم تارقىتىشنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولسىمۇ، خىتاي بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكلىشىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ چەت ئەل مەبلىغىنىڭ زور دەرىجىدە خىتايدىن ئېقىپ كېتىشىمۇ ھازىر شىددەت بىلەن كۆپىيىشكە يۈزلەنگەن.