مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ئىقتىسادىدىكى چۆكۈشنىڭ 2024-يىلىمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، « 2023-يىلى خىتاي ئۆز ئىقتىسادىنى ئوڭلاپ، يەر شارى تەرەققىياتىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان موتورى بولۇشتەك رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەكسىچە ئۇ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) تەرىپىدىن دۇنيا مەھسۇلات مىقدارىنى ‹كەينىگە سۆرەۋاتىدۇ› دەپ ئاتىلىدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان» ئىكەن.
خىتايدىكى ئۆي - مۈلۈك كىرىزىسى، ئىستېمالنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئىقتىسادشۇناسلار خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ يەنىلا كوۋىد يۇقۇمىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلىگە قايتالمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ئۇلار خىتاينىڭ 2024-يىلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىدىنمۇ ياخشى خەۋەر يوقلىغىنى، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا ئۆز جايىدا توختاپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىگەن.
س ن ن نىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىقتىسادشۇناسلار «ئوتتۇرىچە كىرىم تۇزىقى» دەپ ئاتايدىغان يەنى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر نامراتلىقتىن تېز تەرەققىي قىلىپ، يۇقىرى كىرىملىك ئورۇنغا ئېرىشىشتىن بۇرۇنلا ئۆز جايىدا قاپسىلىپ قالىدىغان ئەھۋالغا يولۇقىدىكەن.
بلۇمبېرگ خەۋەرلەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكادىكى گولدمان ساكس گۇرۇھى، مورگان ستەنلېي ۋە UBS گۇرۇھى قاتارلىق 10 مەبلەغ سېلىش بانكىسى ۋە ئاكسىيە ۋاسىتىچىسىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئورتاق تونۇشى بولسا خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى كاساتچىلىقنىڭ 2024-يىلىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستىلايدىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ساھەنى مۇقىملاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ كاساتچىلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يەتمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىكەن.
