خىتاي ئىراننىڭ ئۆزىنى قوغدىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.08.12

ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا چاقىرىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىراننىڭ ئۆزىنى قوغدىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 11-ئاۋغۇست كۈنى ئىران مۇۋەپپەق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالىي باغېرى كانى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، خىتاي ئىراننىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى» نى قوغدىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ۋاڭ يىنىڭ، ئىراننىڭ يېقىندا پەلەستىن ئىسلامى جىھاد ھەرىكىتى خاماسنىڭ سىياسىي رەھبىرى خانىيەنىڭ تېھراندا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن ئۆچ ئېلىشى توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئىراننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى دىققەت قوزغىماقتا. خىتاي ئىزچىل ئوتتۇرا شەرقتە توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، ئامېرىكانى بۇ رايونغا قايتا پاتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن قۇتراتقۇلۇق قىلماقتا، دەپ ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى.

رويتېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەتتە ۋاڭ يى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىسمايىل خانىيەنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشىنى قايتا ئەيىبلەپ، بۇ قەستلەش ھەرىكىتىنى ئىراننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىق، دەپ كۆرسەتكەن. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ۋاڭ يى مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئىراننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشىنى، شۇنداقلا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ ھەم ئىران بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاشقا تەييار تۇرىدۇ».

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ۋاڭ يى يەنە ئىسمايىل خانىيەنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ «غەززا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىسرائىلىيە خانىيەنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگەن ياكى رەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقە ئىسرائىليە-خاماس ئۇرۇشىنىڭ ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشىغا ئايلىنىپ كېتىش ئەندىشىسىنى قوزغاپ كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىلويىد ئاۋستىن، ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە رايونغا مېڭىشىنى بۇيرۇغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.