بەزىلەر «دۇنيانىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك بازىرى» دەپ ئاتاۋاتقان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي يېڭى كۈچ سۈپىتىدە باش كۆتۈرۈشى بىلەن كۆپلىگەن كىشىلەر «خىتاينىڭ ئىقتىسادتا گۈللىنىشى دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا ۋە خىتاينىڭ ئۆزىدىكى سىياسىي ئىسلاھاتقا سەۋەب بولىدۇ» دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى. ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋال بۇ خىل «گۈللىنىش» نىڭ ماھىيەتتە دىكتاتورلۇققا ۋە ھاكىممۇتلەقلىق ئاساسىدىكى كونتروللۇققا دەسمى بولۇۋاتقانلىقىنى نامايان قىلماقتا ئىكەن.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دۆلەت مەنپەئەتى» گېزىتىنىڭ 5-ئاۋغۇستتىكى باش ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان ئومۇمىي نازارەت ۋە سىياسىي تەشۋىقات خىتايدىكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان. ئۇيغۇرلار دىيارى ئىسمى-جىسمىغا لايىق زۇلۇم ماكانى بولۇپ قالغان. بۇ زۇلۇملار ھازىر خىتاي تەۋەسىدىن ھالقىپ ئاللىقاچان خوڭكوڭ، تەيۋەن قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيمەكتە ئىكەن. نۆۋەتتە بولسا شى جىنپىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەرقانداق شىركەتنى «ئەدەبلەيدىغانلىقى» ھەققىدە جار سالماقتا ئىكەن.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي مۇئامىلىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ، غەرب دۇنياسىدىكى شىركەتلەرنى «تەيۋەن ئارىلى خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەننى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەللىككە يېقىن ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنى «تەيۋەن-خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى» دېگەن چۈشەنچىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ تور بېتىدىكى «تەيۋەن» دېگەن نامنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. يېقىندا بولسا بۇ تەلەپلەر ئامېرىكىدىكى بىرنەچچە داڭلىق ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە يوللانغان.
ماقالە ئاپتورى مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن ھازىر خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئاددىيغىنە «تەيۋەن داۋاسى» ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ ئارقىغا ناھايىتى زور سىياسىي نىشان يوشۇرۇنغانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل مۇتىھەملىكنىڭ داۋام قىلىشىغا داۋاملىق سۈكۈت قىلغاندا بۇنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن زور خەتەر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.